ئۈرۈمچى-شىئەن-لاسا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:37

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

13-سېنتەبىر ئۈرۈمچى-شىئەن-لاسا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش باشلىنىپ، شىنجاڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىۋاسىتە لىنىيە سېلىنمىغان ئۆلكە مەركىزىي شەھىرى ئوتتۇرىسىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى باشلىنىپ، شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ ئالاقىسى كۈچەيتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد، سودا، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى. ئۈرۈمچىدىن لاساغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ سىتېرېئولۇق قاتناش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋەتەن چېگراسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.