چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:41

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، ئۇيغۇر ئايال پەرىدە تۆرە خېرىدارغا گىلەم تونۇشتۇرۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدا تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى. ئەمدىلا بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ يايما ئاچقان ئىدى، ھازىر بولسا چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش سودا سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن ئۇنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى روناق تاپتى، يەنە بىر نەچچە تارماق دۇكانمۇ ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن تۇنجى تۈركۈمدە بۇ يەرگە كېلىپ تىجارەت قىلغانلارنىڭ بىرى، ئەينى چاغدا كۆپ پۇلۇم يوق ئىدى، پەقەت ئۇششاق تىجارەت قىلىپ، نۇرغۇن جاپا تارتقان ئىدىم، ھازىر زور ئۆزگىرىش بولدى، شارائىتمۇ ياخشىلاندى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىمۇ بەك ياخشى، شۇڭا مەن ھۆكۈمەتكە، قورغاسقا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلدىم.

ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسى 14 دۆلەت بىلەن تۇتۇشىدۇ، چېگرا رايونلارنىڭ دۆلەت زېمىن كۆلىمى بىر مىليون 970 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش-چېگرا رايونلارنىڭ نامرات قىياپىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، 2020-يىلغىچە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قايسى ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ تەڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بۇلتۇر مىللىي رايونلارنى زور كۆلەمدە قوللاپ، سەككىز ئاساسلىق مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا ماشىنا سېتىۋېلىش بېجىدىن 97 مىليارد يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۆلەتنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 4700 كىلومېتىر، ئاددىي دۆلەت، ئۆلكە يولى تۈرىدىن 16 مىڭ كىلومېتىرنى ياساش، يېڭىدىن 44 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، ياساشقا مەدەت بېرىپ، 4300 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يولى قاتتىقلاشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

شەننەن شەھىرى لوجا ناھىيەسى جارى يېزىسى نەيسۈن كەنتىدىكى لوڭلا نامراتلارنى يۆلەپ كۆچۈرۈش نۇقتىسى چېگرا رايونغا جايلاشقان، بۇرۇن بۇ يەردىكى دېھقان-چارۋىچىلار كىچىك قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئەسلىھە بىلەن توك ئىشلىتىشكە تايىناتتى. بۇ يىل 7-ئايدا، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشى بىلەن دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز بولغان بۇ چەت-يىراق كەنتكە ئېلېكتىر تورى ئۇلىنىپ، ئېگىزلىكتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ توك ئىشلىتىشىگە يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. كەنت ئاھالىسى گېلې ۋېيسې ھازىر بەش ئائىلىگە توك ئۇلاندى، ھەر كۈنى كەچتە ھەممىمىز جەم بولۇپ تېلېۋىزور كۆرىمىز، توك چۆگۈن بىلەن قاينىتىلغان ئىسسىق قايماق چاي ئىچىمىز دېدى.