ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:42

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

13-سېنتەبىر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇماديەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىدە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2025-يىلىغىچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن يېقىنلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى كۆلىمىنى كېڭەيتىشتىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، جايلار يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ ئوتتۇرھال يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.