8-ئايدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىم بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:43

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا 14-سېنتەبىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، خەلق ئىگىلىكى داۋاملىق مۇقىملىق ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشى تەرەققىي قىلدى.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 8-ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. شۇ ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئەمەلىي ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پوئېنت چۈشكەن؛ %0.46 سېلىشتۇرما ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.05 پوئېنت تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇلازىمەتچىلىك بىر قەدەر تېز ئاشقان. شۇ ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇلازىمەتچىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن تەڭلەشكەن، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش ئېيىدىكىدىن 0.9 پوئېنت تېز بولغان.

ليۇ ئەيخۇا شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، خەلقئارا مۇھىتتا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، ئىچكى ئىقتىساد قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يەنىلا نۇرغۇن خىيىم-خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. كۆزلىمە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي گەۋدىنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ، خىيىم-خەتەردىن ساقلىنىپ، مۇقىم تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.