2016-يىلى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسى 380 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:43

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسى يىلىغا %20 تىن كۆپرەك ئاشتى، 2016-يىلى تەتقىقات سېلىنمىسى 380 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. 61 مەركەز كارخانىسى يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانا سىنىقى خىزمىتىگە قاتناشتى، 55 كارخانىغا يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانا دەپ رەسمىي نام بېرىلدى. ھازىر يولغا قويۇلغان 146 كەسپىي تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيە ئىتتىپاقىدا، مەركەز كارخانىلىرى باش بولغان ياكى تەشكىللەشكە قاتناشقانلار %80 نى ئىگىلەيدۇ. مەركەز كارخانىلىرىدا 80 كارخانا دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇلغان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %50 كە يېقىنىنى ئىگىلەيدۇ. 2016-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ 79 ىغا 40 مەركەز كارخانىسى ئېرىشكەن، بۇ مۇكاپات ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.