دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىپ ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى چەتئەللەردە ساياھەت قىلىپ ئوقۇغۇچىلار سانىدىن كۆپ بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:44

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ساياھەت قىلىپ ئوقۇش لىنىيەلىرى تېز كۆپەيدى. شېچېىڭ ساياھەت تورى 13-سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولىشىچە، شېچېڭ ساياھەت قىلىپ ئوقۇش سۇپىسىنىڭ يېقىنقى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىپ ئوقۇشقا تىزىملاتقانلار %140 ئېشىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.