جۇڭخۇا يىلىك ئىسكىلاتىنىڭ سىغىمچانلىقى 2 مىليون 360 مىڭغا يەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شەنبە كۈنى ئۈچىنچى دۇنيا يىلىك تەقدىم قىلىش كۈنى، جۇڭگو قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىلار ئىسكىلاتى يەنى جۇڭخۇا يىلىك ئىسكىلاتىنى باشقۇرۇش مەركىزى 13-سېنتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭخۇا يىلىك ئىسكىلاتىنىڭ سىغىمچانلىقى 2 مىليون 360 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، كىلىنىكا ئۈچۈن 6705 قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىنغان.