پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تۈنۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 14:37

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بېيجىڭ مېدىيا مېھمانخانىسىغا تەسىس قىلىنغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تۈنۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتى. جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇ مۇھىم كۆزنەك ۋە يول ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ كەيپىياتىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇچۇرىنى ئىگىلەيدۇ.

تۈنۈگۈن سەھەردە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەنلا، شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئايال مۇخبىرى چىن يىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنىدىن كىنىشكىسىنى ئېلىپ، تۇنجى بولۇپ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى قولىغا ئالغان چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىر بولدى. ئاخبارات مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغىچە چېگرا سىرتىدىكى 1800دىن ئارتۇق مۇخبىر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتقان، بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىكى مۇخبىرلاردىن 100گە يېقىن كۆپ ئىكەن، بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى ئەللەرنىڭ مۇخبىرلىرى ناھايىتى ئاكتىپ تىزىملاتقان.

قىزىل تاشلىق خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە زىيارەت مۇلازىمىتى قوللانمىسى، جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى قارشى ئېلىش سۆزى يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلار ۋە قىزىل تەگلىك ئېكرانلار، قىزىل تەگلىك كۆرسەتمە تاختىلىرى قاتارلىقلار ئاخبارات مەركىزىنىڭ زىيارەتكە كەلگەن مۇخبىرلارغا قىزغىن ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئاخبارات مەركىزىدە نۇرغۇن ئىقتىدار رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇخبىرلارنى خەۋەر ئېلان قىلىش، سۈرەت ۋە ماتېرىيال، تور مۇلازىمىتى، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، زىيارەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كۆپ تەرەپتىن كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ شياۋخەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تور ۋە يېڭى تاراتقۇ مۇلازىمىتى جەھەتتە يېڭى ۋاسىتىلەرنى كۆپەيتتى. ئاخبارات مەركىزى يۇمشاق دېتال سىستېمىسى ۋە قاتتىق ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىگە بۇ يىل تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان يۇغۇرۇلما تاراتقۇ سۆھپەتخانىسى جايلاشقان. ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ ماتېرىيال توپلاش ۋە تارقىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ سۆھپەتخانا ئالاھىدە تەسىس قىلىندى. خىزمەتچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يەردىكى سىملىق تور ئېھتىياجى ئوخشاش بولمىغان 20 مۇخبىرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسى ئىشلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردە سىمسىز تور يەنى WIFI بار بولۇپ، تور سىمى ئۇلىماي تۇرۇپمۇ پىروگرامما يوللىغىلى بولىدىكەن.

ئاخبارات مەركىزىدىكى نۇرغۇن "تۇنجى قېتىملار" جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ياراتقان.

تۇنجى قېتىم ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ئېچىلدى، مۇخبىرلار ئالدىراش ۋاقتىدىمۇ ئاخبارات مەركىزى ئېلان قىلغان يىغىن قارالمىسى، ھالىتى، ئاخباراتى، ئۇقتۇرۇشى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇر ماتېرىياللىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ.

تۇنجى قېتىم مۇخبىرلار تىزىملىتىش سىستېمىسى ئىشلىتىلدى، چەتئەللىك، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت ئىلتىماسى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۇنجى قېتىم چەتئەللىك مۇخبىرلار زىيارەت ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى ئىشلىتىلدى، مۇخبىرلار سىستېما ئارقىلىق زىيارەت ئىلتىماسىنى تاپشۇرسا ھەمدە توردىن ئىلتىماس قىلىش ھالىتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

قاتتىق ئەسلىھە ۋە تېخنىكا كاپالىتىدىن باشقا، ئاخبارات مەركىزى مۇخبىرلارنى يەنە مول مەزمۇنلۇق ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئىلگىرىكى قۇرۇلتايلارغا سېلىشتۇرغاندا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، كوللېكتىپ زىيارەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. مۇخبىرلار بېيجىڭ ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېقىن ئارىلىقتىن جۇڭگونى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنى چۈشىنىدۇ.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى. تونۇشتۇرۇلىشىچە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى مۇخبىرلارنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، ياپونچە، رۇسچە ۋە نېمىسچە قاتارلىق 12 خىل يېزىقتىكى نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇ ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئوچۇق ھالىتىنى يەنە بىر تەرەپتىن كۆرسىتىپ بەردى.