بۇ يىل 17 رايون ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:01

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

2017-يىلى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن رايونلار ئۆتكەن يىلدىكىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيدى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شاڭخەي، شېنجېن، تيەنجىن، بېيجىڭ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، جىلىن، ئىچكى موڭغۇل، خۇبېي، خېنەن، فۇجيەن، سەنشى، شەنسى، نىڭشيا، گەنسۇ، خۇنەن، چىڭخەيدىن ئىبارەت 17 رايون ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەي، شېنجېن، تيەنجىن، بېيجىڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى 2000 يۈەندىن يۇقىرى ئىكەن. شاڭخەينىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى 2300 يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىكەن، شېنجېننىڭ 2130 يۈەن بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن؛ تيەنجىننىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى بۇ يىل تۇنجى قېتىم 2000 يۈەندىن ئېشىپ، 2050يۈەنگە يەتكەن؛ بېيجىڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى دەل 2000 يۈەن ئىكەن.