«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» -- «كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، جاسارەتكە ئۈندەش»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئاجايىپ بەش يىل بولدى، دېگەن ئىدى. بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بۇ بەش يىللىق شانلىق نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلدى، 26-سېنتەبىر ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان كۆرگەزمە كۆرگىلى كەلگەن ھەرساھە كادىر ئاممىسىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، 12-ئۆكتەبىرگىچە كۆرگەزمە كۆرگەنلەر 450 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

دۇنيادىكى تۇنجى كىۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمرىيى بولغان «موزى» بەلگىلىك سۈنئىي ھەمراھ، دۇنيا بويىچە چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى ئەڭ يۇقىرى مەشغۇلاتچان ئادەملىك چۆككۈ «سۇ ئەجدىھاسى»، «جۇڭگونىڭ ساما كۆزى» دەپ نام ئالغان 500 مېتىر كالبېرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپى، يەرشارى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر تىزىملىكىنىڭ بېشىدىن ئۈچ قېتىم ئورۇن ئالغان «شېنۋېي تەيخۇ نۇرى» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر... قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئىلغار بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىجادىيەتلەر يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتنىڭ غايەت زور كۈچىنى نامايەن قىلىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى. خۇنەنلىك دېھقان ۋۇ شىڭسەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەينى يىللىرى دەل يۆلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭغانلىق ئارخىپى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتى باشلىقىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى بۇ بەش يىللىق ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، مائارىپتىن ئىبارەت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈچ «ئومۇميۈزلۈك كاپالەت تورى» شەكىللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندى.

چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدىكى «مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىش»، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى ئارمىيە بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»، «<بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم بولۇش> ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش»، «ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى سەھىپىسى ئېچىش» قاتارلىق ئون ئاساسىي تېمىلىق مەزمۇن كۆرگەزمە رايونى ۋە ئۆزگىچە ھىس قىلىش رايونى ھەمدە توردىكى كۆرگەزمىخانا ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو ستىرېئولۇق نامايەن قىلىندى، كىشىلەر دۆلەتتىن ئىپتىخارلىنىپ تەرىپلەش بىلەن بىر بىرگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماستىن كۈرەش قىلىش غايىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.