سەيجاۋ كەنتى دابورنىڭ يېتەكچىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇپ باي بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:03

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى مىلىن ناھىيەسى نەنيى لوبالار يېزىسىنىڭ سەيجاۋ كەنتى 38 ئائىلىلىك، 186 ئادەم ئولتۇراقلاشقان لوبالار مەمۇرىي كەنتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دابورنىڭ يېتەكچىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇپ باي بولدى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دابور سەيجاۋ كەنتىنىڭ ئۆزگىچە لوبا مىللىي ئۆرپە-ئادەت مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش خىزمىتىنىڭ يېڭى تەپەككۇرىنى پائال پىلانلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەيجاۋ كەنتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 4 مىليون 330 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە لوبالار قورۇقى، لوبالار مېھمانخانىسى، لوبالار مىللىي ئۆرپە-ئادەت سەھرا ئارامگاھى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، 12 ئائىلىلىكنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمىنى 90 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى.

2014-يىلى، دابور 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، سەيجاۋ كەنتى لوبالار مىللىي قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقان-چارۋچىلار كوپىراتىپى قۇرۇپ، 4 ئائىلىلىكنى سەھرا ئارامگاھى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت دۇكىنى ئېچىشقا يېتەكلىدى، 17 كىشىنى ساياھەت خاتىرە بويۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە باشلاپ، ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 6000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سەيجاۋ كەنتىدىكى 10 ئائىلىكتىكى 37 ئادەم نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى.

ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنىڭ كىچىكى يوق. كەنتتىكى ئامما قىيىنچىلىققا يولۇقسا، دابور باش بولۇپ ياردەم قىلدى. 2016-يىلى، نامرات ئاھالە سىجۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى سىرىنيۈجىن مېڭە ئۆسمىسى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. دابور سىجۇنىڭ داۋالاشتىن ۋازكەچكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ سىجۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، 1000 يۈەن ھال سوراش پۇلى بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشكە، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

دابورنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئىئانە توپلىشى ۋە مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن، جەمئىيەتتىكى مېھرىبان كىشىلەر ۋە ئامما خالىسانە ياردەم قىلىپ، 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ھال سوراش پۇلى يىغىلىدۇ. ھازىر سىرىنيۈجىننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ مەكتەپتە داۋاملىق ئوقىۋاتىدۇ. سىجۇ: دابور شۇجى ئائىلىمىزنىڭ شەپقەتچىسى، دەيدۇ.