ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى قانۇن بويىچە پۇختىلايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:04

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى "ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى قانۇن بويىچە پۇختىلايلى – پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى ئىلھاملار" ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى "تۆت ئومۇميۈزلۈك" ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشتەك باش نىشاننى چۆرىدەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، پۈتۈن خەلق قانۇنغا بوي سۇنۇش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەندىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن بىر يۈرۈش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى، جەمئىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئازاد قىلغىلى ۋە ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، پارتىيە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر، بىز دەل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىدىكى ئورنى ۋە رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىغا كىرگۈزۈش جەزمەن ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدۇ، مىليونلىغان خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرىدۇ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغ مۇساپىدا داۋاملىق مۇقىم ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.