«جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ گازارمىلارنى ئېچىۋېتىش چارىسى» ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:06

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن يېقىندا «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ گازارمىلارنى ئېچىۋېتىش چارىسى»نى ئېلان قىلدى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە قىسىم بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمىخەلق دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇ قىسىملارنىڭ گازارمىلارنى جەمئىيەتكە تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى قوللانما بىلەن تەمىنلەيدۇ.