ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى مۇقىم ياخشىلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-13 10:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تۈنۈگۈن: ئالدىنقى توققۇز ئايدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ 19 تىرىليون يۈەندىن ئاشقانلىقى، كىرىم پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 2012-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش بوغالتىرى شېن يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ يىل مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمىدە ئۆتكەن يىلى تۆتىنچى پەسىلدىن بۇيانقى داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پايدا ئومۇمىي سوممىسى 11 تىرىليون 10 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشتى، كىرىم پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە 2012-يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.

شېن يىڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى «پىشاڭسىزلاشتۇرۇش»تا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مۈلۈك قەرز نىسبىتى %66.5 بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 0.2 پوئىنتى تۆۋەنلىدى، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ قەرزى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، قەرز كۆلىمىنى ئومۇمەن كونترول قىلغىلى بولىدۇ.