خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-13 11:00

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتى جۇڭگوغا چۈشتى.

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا سىياسىي سەھنىسىدىكى سالمىقى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات مۇساپىسى جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىقتىسادقا تۈرتكە بولىدۇ.

سىنگاپور «دېڭىز بوغىزى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىمۇ 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرىدۇ. جۇڭگو مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، 19-قۇرۇلتايدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى بېكىتىلىدۇ، دەپ قارالدى.

گېرمانىيە «خەلقئارا سىياسىيسى ۋە جەمئىيەت» ژۇرنىلى تور بېكىتىدە يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىنىپ: جۇڭگو قىسقىغىنا 30 نەچچە يىلدا نامرات تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادتا يېتىشىۋېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقتى، دەپ كۆرسىتىلدى.

گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى 19-قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم تېمىسى، قەرز جەھەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قەرز كۆپۈكىنى كونترول قىلىشىغا گەپ كەتمەيدۇ، دەپ قارالدى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا يېقىندا ئوبزور ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ساھەسى غەربنىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئويۇن قائىدىسىنى تۈزگۈچىگە تەدرىجىي ئايلىنىۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلاندى.