پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش كۆلىمى مۇقىم بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-13 11:00

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش كۆلىمى مۇقىم بولدى، چەتئەل مەبلىغى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپىگە كۆپرەك سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش كۆلىمى كېڭەيدى، جۇڭگو دۇنيادىكى ئاساسلىق چەتئەلدىن قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

دۇنيادا دۆلەت ھالقىغان بىۋاسىتە مەبلەغ %2 ئازايغان ئەھۋالدا، 2016-يىلى ئېلىمىز ئەمەلىيەتتە جەلپ قىلغان چەتئەل مەبلىغى 864 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشتى. 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا يېڭىدىن 101 مىڭى كۆپەيدى، ئەمەلىيەتتە جەلپ قىلىنغان چەتئەل مەبلىغى 521 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ: ئېلىمىز جەلپ قىلغان چەتئەل مەبلىغى ئۇدا 25 يىل تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، چەتئەل مەبلىغى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىگە كۆپرەك سېلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەرگە سالغان مەبلىغى ئۇدا ئىككى يىل دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، چەتئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلەغنىڭ ساقلانما مىقدارى 1 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، چەتئەللەردىكى مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئېلىمىز ھازىر دۇنيادىكى ئاساسلىق چەتئەلدىن قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.