جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرىنچى ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئاخباراتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-25 14:14

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرىنچى ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئاخباراتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرىنچى ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئاخباراتى، 2017-يىلى 25-ئۆكتەبىر جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلگەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2017-يىلى 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا بىرىنچى ئومۇمىيىغىن ئاچتى. يولداش جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىدىن قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 133، ئەمەلىيەتتە قاتناشقىنى 133 كىشى. يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سايلىنىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى.