لى كېچياڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىغا مۇھىم تەستىق سالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 12:45

11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى تۈنۈگۈن جىنەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇنىڭغا مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ئىنتېرنېت قوشۇلغان ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى تېرىشىپ قۇرۇپ، كارخانىلارنى سۇبيېكت، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تېزدىن تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكىدىكى قىيىن تېما ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نەتىجە ئۆزلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.