پۈتۈن مەملىكەتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى بەش مىليون 530مىڭ ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشقان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 16:52

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى جياڭشىنىڭ گەنجۇدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى بەش مىليون 530مىڭ ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

جياڭشى، شەنشى، جياڭسۇ، خۇنەن، گۇاڭشى، شىنجاڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا ئۆز يېرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ ياكى ئۆلكە ئىچىدىكى ئەمگەك ھەمكارلىقى، ئۆز يېرىدە، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.