گۈزەل مۇھىت چىڭخەي كۆل ياقىسى رايونىدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 17:31

باش قىشتا چىڭخەي كۆلى ياقىسى جىمجىتلىققا تولغان ئىدى، بىر بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن تاغ مەنزىرىسى يىراقتىن ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنەتتى، بىرقانچە ساياھەتچى مەنزىرە رايونىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى، كۆل بويىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنداق ئۆزگىچە مەنزىرە ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنىڭ مەنبەسى ئىدى.

گاخەي كەنتىدىكى 39 ياشلىق ياڭ يۇمىن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر تاغلارنى، سۇلارنى تاماشا قىلىشنى، ئەتكەن چاي ئىچىپ پاراڭلىشىشنى ياقتۇرىدۇ، يەنە بەزىلىرى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئورنىمىزدا چارۋا باقىدۇ.

گاخەي كەنتى چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئورنى چىڭخەي كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3500 مېتىر ، زاڭزۇ، موڭغۇل، خەنزۇ، خۇيزۇ، تۇجيازۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %83نى تەشكىل قىلىدۇ، نۆۋەتتە كەنتتە 16 ئائىلە سەھرا ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

ياڭ يۇلياڭ ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ پۇتى ئاغرىيدىغان بولغاچ، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى قولايسىز، 2016-يىلى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سەپەرۋەرلىك قىلىشى بىلەن ئۇ ئۆز ھويلىسىدىلا بىر ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىۋالدى، ئاشخانىغا ئېلېكتىرو ماگنىتلىق ئوچاقتىن تارتىپ يەنە ئەنئەنىۋىي تېزەك قالايدىغان ئوچاققىچە سەپلەندى، مېھمانلارنىڭ يۇيۇنۇپ تارىنىشى ئۈچۈن ياتاق ئۆيگە يەنە تازىلىق ئۆيى سېلىندى.

10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، چىڭخەي كۆلى مەنزىرە رايونىدا بۇ يىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3مىليون 200مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %77 ئاشتى.

ياڭ يۇلياڭ مۇنداق دېدى: گۈزەل مۇھىت داۋاملىق نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، كەنتنىڭ ساياھەت ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى ، كېيىنكى قەدەمدە مېھمانخانىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز.