بۇ يىل قىش مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈتەكنى تىزگىنلەش ئۈچۈن نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 17:32

قىش كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مۇرەككەپ ھاۋا رايى شارائىتى ۋە شىمالدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پەسلى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئېغىر بۇلغىنىشچان ھاۋا رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ۋە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە لايىھەسىگە ئاساسەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بۇلغىنىشچان ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئارقا ئارقىدىن مۇناسىپ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بۇ يىللىق ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانىنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل جايلارنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشچان ھاۋا رايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئالدىن لايىھەسىدە كارخانىلارنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلار ئۆتكەن يىلدىكى 10 مىڭدىن بۇ يىل تەخمىنەن 50مىڭغا كۆپەيتىلدى.

بۇ قېتىم ئېغىر بۇلغىنىشچان ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش باشلانغاندىن كېيىن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئەۋەتكەن 28 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە 102 سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جەمئىي 1085 كارخانىنى تەكشۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن 32 كارخانىنى بايقىدى، لايىھەنى ئىجرا قىلىش نىسبىتىنى %97گە يەتكۈزدى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن كېيىن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى تۇراقلىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.