شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇەن فۇرۇڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 17:35

13-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۈەن فۇرۇڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ قېرىنداشلارچە روھ بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مېنىڭ بۇ قېتىم ۋىيېتنامغا قىلغان سەپىرىم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، مەن يەنە بىر قېتىم ۋىيېتنام خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، جۇڭگو ۋىيېتنام پارتىيەلىرى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ئۇيۇلتاشقا ئوخشايدۇ، نۆۋەتتە ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان بىر يۈرۈش مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ، تۈنۈگۈن باش شۇجى نۈەن فۇرۇڭ ئىككىمىز دوستانە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئورتاق تونۇش ئاساسىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك، ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلەندى، ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن ئاخىرى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

نۈەن فۇرۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنى تۇنجى زىيارەت مەنزىلى قىلىپ تاللىدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور.

شۇ كۈنى شى جىنپىڭ رەئىس خۇجىمىڭنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى ھەم گۈلچەمبىرەك قويدى.