جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كۈچەيدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 13:36

جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئېنېرگىيە مۇنبىرى تۈنۈگۈن ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ھەققىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى.

ھىندونېزىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كان بايلىقى مىنىستىرى زونان مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە بىر بەلباغ، بىر يول رامكىسىدا، جۇڭگو بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، تىرىلمە ئېنېرگىيەدىن كەڭ پايدىلىنىشقا ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە ئىككى تەرەپنىڭ كۆمۈر ۋە نېفىت، تەبىئىي گاز سودا ھەمكارلىقىدىن رازى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى بىرلەمچى نېفىت، گازنى قىدىرىپ ئېچىش ۋە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.