گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم تاشلىغان يېڭى مۇساپىنى ئاچايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 13:38

خەلق گېزىتى بۈگۈن «گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم تاشلىغان يېڭى مۇساپىنى ئاچايلى» دېگەن ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدىكى باش مەقسەتلىك نۇتۇقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا جۇڭگو خەلقنى مەركەزنى قىلغان، گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم تاشلىغان يېڭى مۇساپىنى ئاچىدۇ دەپ جاكارلاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى كۈچلۈك نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشتىكى جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.