مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش مەخسۇس كۇرسىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:52

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىدا ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 13-نويابىردىن 18-نويابىرغىچە مەركىزىي مىللىي كادىرلار ئىنستىتۇتىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنى ئۇيۇشتۇردى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتۇر كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك دوكلاتى بەردى.

باتۇر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى 1-مۇھىم ئىش-شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش. بۇ ئىدىيە-ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ئۇ-شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۇنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە تۈرلۈك ھالقىلىرىدا تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا يېتەكلىشى كېرەك.