ئېلىمىز تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:53

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش خىزمىتى يىغىنى 13-نويابىر جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەر ئېلىشنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش، قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلاشنى سەرخىللاشتۇرۇش، يەر ئىگىلەش بىلەن تولۇقلىما بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش چىقىش نۇقتىسى، ئىشلىتىش يوللىرىنى چىڭ باشقۇرۇش يادرو، دېھقانچىلىق يەرلىرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش ۋە يەر ئېلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش تۈزۈم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

مەلۇماتقا قارىغاندا، 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن دائىرىدىكى مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر مىليارد 550 مىليون مو مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن بىر مىليارد 546 مىليون مو يەرنى قوغداش نىشانىدىن ئاشۇرغان. بولۇپمۇ شەھەر ئەتراپىدىكى يەرلەرنى بېكىتىپ قوغداش نىسبىتى %45 تىن %60 كە ئاشۇرغان، ئورمان، دەريا، كۆل، تاغ قاتارلىقلاردىن شەھەر ئېكولوگىيە توسىقى ئورتاق شەكىللىنىپ، شەھەرلەرنى كۆكەرتىش بوشلۇقى كېڭەيتىلىپ، شەھەر تەرەققىياتىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇشتىكى ئەمەلىي پاسىلغا ئايلانغان.