زۇڭلى لى كېچياڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 18:01

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 13-نويابىر چۈشتىن كېيىن مانىلادىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن بىلەن كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا سەمىمىي دوستلار. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق مېڭىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، كامبودژانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوغداش، ئىچكى مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو كامبودژا بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كېلەر يىلقى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ياخشى قىلىدۇ، كېلەر يىلى كامبودژادا ئېچىلىدىغان 2-قېتىملىق لەنساڭجاڭ-مىكون دەريالىرى ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىشقا ھەمكارلىشىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.

خۇنسىن مۇنداق دېدى: كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭقۇر. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، كامبودژا 2-قېتىملىق لەنساڭجاڭ-مىكون دەريالىرى ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىنى ئاچىدۇ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋالىدۇ. كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.