10-ئايدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى داۋاملىق ياخشى بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 18:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 14-نويابىر ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ 10-ئايلىق ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، 10-ئايدا ئېلىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئومۇمەن مۇقىم بولغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەش چوڭقۇرلاشقان، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز ئالماشقان، سۈپەت، ئۈنۈم داۋاملىق ئۆسكەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلانغان، خەلق ئىگىلىكى مۇقىم ئىلگىرىلىگەن، سۈپىتى مۇقىم ئاشقان، مۇقىم ياخشى تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلانغان.

سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئومۇمەن مۇقىم بولغان، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق ياخشىلانغان. 10-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پوئىنت تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش ئېيىدىكىدىن 0.1 پوئىنت تېزلەشكەن.

مۇلازىمەتچىلىك بىر قەدەر تېز ئاشقان، سودا داۋاملىق گۈللەنگەن. 10-ئايدا مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەتچىلىكتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش ئېيىدىكىدىن 0.2 پوئىنت تېزلەشكەن.

ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان، سېتىلمىغان تاۋار ئۆي كۆلىمى داۋاملىق ئازايغان. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئۆي-مۈلۈككە 9 تىرىليون 54 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىكىدىن 0.3 پوئىنت تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرالغۇغا سېلىنغان مەبلەغ %9.9 ئاشقان.

بازاردا سودا-سېتىق تەكشى تېزرەك ئاشقان، توردا پارچە سېتىش كۈچلۈك بولغان. 10-ئايدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى 3 تىرىليون 424 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش ئېيىدىكى بىلەن تەڭلەشكەن.

ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى سىلىق ئاشقان، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى باھاسى مۇقىم ئاشقان. 10-ئايدا، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئاشقان، ئېشىش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت كۆپەيگەن.