جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 16:15

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى بەش يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەقىل كۆرسىتىپ يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا يېڭى ساھەلەرنى ئېچىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 19-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىستراتېگىيە، زور ئورۇنلاشتۇرۇش، زور ۋەزىپىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى باشتىن كەچۈرگۈچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، قوغدىغۇچىلىق سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا چوقۇم تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمكارلىشىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، «جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ، دېموكراتىك ئىتتىپاقى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ.