مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈگۈرۈپ ئىسسىنىشى»غا ئىنكاس قايتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 16:32

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان شىمالدىكى قىسمەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر پار بەرمىگەچكە، ئوقۇغۇچىلار «يۈگۈرۈپ ئىسسىنىشقا مەجبۇر بولدى» دېگەن ئەھۋاللارغا تۈنۈگۈن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىك ئورۇنلاردىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، ئىللىقلىقنى بالىلارنىڭ قەلبىگىچە ھەقىقىي يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدۇق دېدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈمېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ بالىلارغا ھەقىقەتەن ئىچىمىز ئىنتايىن سىيرىلدى ھەم ناھايىتى تىت-تىت بولدۇق. مىنىستىرلىقىمىز بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى ئېنىق تەلەپ قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقىدار ئۆلكىلەرگە ھەيدەكچىلىك ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈپ، ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاپ، مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.