2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزدىكى قاتتىق نامرات رايونلاردىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ كەنتتە كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش يولغا قويۇلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:14

دۆلەتلىك زېمىننى بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 6-دېكابىر مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزدىكى قاتتىق نامرات رايونلاردىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ كەنتتە كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش يولغا قويۇلىدۇ، كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەشكە ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش جىددىي بولىدۇ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «قاتتىق نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلدى. پىكىردە يەردىن پايدىلىنىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى باش تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن شۆدۇڭ 6-دېكابىر مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزدە 559 مىڭ مەمۇرىي كەنت بار، ئۇزاقتىن بۇيان يېزا-كەنتلەرنى پىلانلاش يېتەرسىز بولۇپ كەلمەكتە. مىنىستىرلىقىمىز مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەردىن پايدىلىنىش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېتەكچى پىكىر» ۋە «تېخنىكا يېتەكچىسى»نى ئېلان قىلدى.

سۈن شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، 19-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەردىن پايدىلىنىش پىلانىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز، ھەر قايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى قوزغاپ، قاتتىق نامرات رايونلارنىڭ كەنت يېرىدىن پايدىلىنىش پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ناھىيە، يېزا رايونلىرىدا كەنتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

سۈن شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: مىنىستىرلىقىمىز ھەر خىل كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، ھەر خىل يەردىن پايدىلىنىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆچۈرۈلىدىغان كەنتلەرنىڭ ئورنىنى تاللاشتا بايلىق مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ۋە قۇرۇلۇشقا باب كېلىدىغانلىقىنى باھالاپ، گىئو ئاپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ، كۆلەمنى پىلانلاش، پىلان كۆرسەتكۈچى جەھەتتە ئالدى بىلەن تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.