ئۆتكەن يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-11 16:30

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-يانۋار مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئازراق كۆپ بولدى، پۈتۈن يىلدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%1.6 ئاشتى، 12-ئايدا سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9ئۆرلىدى، پۈتۈن يىلدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئۆرلەپ، ئۇدا بەش يىل تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى، مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى؛ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى كۆزلىمىگە ئۇيغۇن، بۇ يىل ئومۇمىي مال باھاسى ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىپ، تۆۋەن نىسبەتلىك پۇل پاخاللىقى دەۋرىگە كىردى.

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.3 ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئازراق يۇقىرى بولدى، گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا ھۆل مېۋە، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى بىرقەدەر كۆپ ئۆرلىدى، بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى.12-ئاي كونا يىلنىڭ ئاخىرى يېڭى يىلنىڭ بېشى بولغاچ كۆپچىلىكنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئىستېمال سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇڭا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئازراق ئۆرلىشى نورمال ئىش.

ئۆتكەن يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9، پۈتۈن يىلدا %6.3ئۆرلەپ، ئۇدا بەش يىل تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى، قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر جەھەتتە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەت ئەھۋالى ياخشى بولغاچقا ئۆتكەن يىلى ئومۇمىي تەلەپ كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

يەنە بىر جەھەتتىن دۆلىتىمىز تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى، ئالايلۇق بىرلەمچى كەسىپلەردىن كۆمۈر، پولات تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەڭشىدى، بۇنىڭ بىلەن بازاردا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى بىرقەدەر تەڭپۇڭ بولۇپ، بىرلەمچى مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، 2018-يىلى ئومۇمىي ئەھۋالدا بۇ خىل رامكا ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ.