2017-يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى، ئۇنداقتا بۇ يىل مال باھاسى قانداق بولىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-11 16:31

% 1.6، بۇ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-يانۋار ئېلان قىلغان 2017-يىلى پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش ئەھۋالى، بۇ نىسبەت ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.4 پوئىنت تۆۋەن بولدى، ئۇنداقتا 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ مال باھا ھەرىكىتى ئەھۋالىغا قانداق قاراش كېرەك؟ 2018-يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيەنچېڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلدىكى باھا سەۋىيەسى مۇقىم بولدى، ئەمما ۋەزىيەت بۆلۈنۈش ھالىتىدە بولدى. 2017-يىلى باھانىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ چۈشۈشى ئاساسلىقى يېمەكلىك باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن بولدى، باھا مۇقىم بولدى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە باھادىكى بۆلۈنۈشنىڭ ناھايىتى چوڭ بولغانلىقىغىمۇ قاراش كېرەك، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى بىرى يېمەكلىك بىلەن يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھا پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولدى، يەنە بىرى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولدى، بۆلۈنۈش ئىستېمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىدە ئىپادىلەندى.

2017-يىلى 12-ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئۆرلىدى، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنت يۇقىرى بولدى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.3 ئۆرلىدى، پەن جيەنچېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: 2017-يىلى 12-ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەش تەسىرىدىن بولدى، ئۇ : 2018-يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى يەنىلا تەكشى مۇقىم بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى؛ 2018-يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى%2 ياكى شۇ ئارىلىقتا بولۇپ، ماكرولۇق سىياسەتكە بىرقەدەر كەڭ بوشلۇق ھازىرلىنىدۇ، پۇل پاخاللىقىدىن ئۇنچە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پۇل قىسلىقىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، شۇڭا بىزنىڭ پۇرسەتنى تاللاپ تەڭشەپ كونترول قىلىش بوشلۇقىمىز ناھايىتى چوڭ، ئىككىنچىسى جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ پايدىلىق باھا مۇھىتى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا بۇرۇلۇش ياسىشىغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.