ئىچكى موڭغۇل دېھقانلىرىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 16:32

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئۈچ نۆۋەتنى قوشقاندا يېزا يەرلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى 75 يىل داۋاملىشىدۇ. بۇ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ قالماستىن، يەنە يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى.

نايمان ئايمىقى شياۋبەيشىڭتۇ كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كەنت بويىچە 614 ئائىلىلىك 1600 دىن ئارتۇق ئادەم بار، ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2.4 مو. 2016-يىلى، كەنت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل مالاچىن بيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ كارخانىنى كىرگۈزۈپ، ئىچكى موڭغۇل بويا دەۋر يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى تەشكىللىدى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا فېڭلىن يېزا ئىگىلىك كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىدىكى سۈپەتسىز ئورمانلىقنى ئوبوروت قىلىپ، ئون مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە باغ ئورمىنى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويدى.

كەنت ئاھالىسى جاڭ شۇشەن ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان تۈرىنى تىلغا ئېلىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى كېسەللىك سەۋەبدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، كېسەلچان ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۇ 100 نەچچە مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جاڭ شۇشەن 55 مو سۈپەتسىز ئورمانلىقنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئازغىنە كىرىم قىلىپ كەلگەن ئىدى. سۈپەتسىز ئورمانلىقنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئۇنىڭ ئائىلىسىنى يىلىغا 14 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىمگە ئىگە قىلدى، ئۇ يەنە تۈر رايونىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەرنى ئوبوروت قىلىش پۇلى ۋە ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پۇلنى قوشقاندا يىلىغا 30 مىڭ يۈەندەك كىرىم قىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، كەنت «كارخانا+كوپىراتىپ» قېلىپى ئارقىلىق 12 مىڭ مو سۈپەتسىز ئورمانلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، موڭغۇل-جۇڭگو تېبابىتى ئۆسۈملۈك دورىسى ۋە مانتا ئۆرۈك قاتارلىق ئورمان، مېۋە-چىۋە تېرىقچىلىقى، پىششىقلاش، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، پەن-تەتقىقات، تەجرىبە، ئېكولوگىيە ساياھىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان كەسپى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 62 ئائىلىلىكنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالماستىن، يەنە ئاممىغا نۇرغۇن پايدا يەتكۈزدى.