دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كۆكتات بازىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 16:40

يېقىندا ئېلىمىزدا كەڭ دائىرىدە قار ياغدى، قىسمەن جايلارنىڭ كۆكتات تەمىناتى ۋە باھاسىدا داۋالغۇش بولدى. 11-يانۋار دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېيىنكى كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلارنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق زاپاس كۆكتاتلارنى بازارغا سېلىپ، بازارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «قىشلىق-ئەتىيازلىق زاپاس كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، ھاۋارايى ۋە كۆكتات بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، بازار تەمىناتى ۋە باھاسىدا داۋالغۇش بولغان ھامان بازارنى تەڭشەپ كونترول قىلىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، زاپاس ساقلىغان كارخانىلارنىڭ بازارغا تەرتىپلىك سېلىشىغا تەشكىللەپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆكتات باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى؛ قاتتىق سوغۇق ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كۆكتات بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قاراتمىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا زاپاسنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ، چاغان، ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى كۆكتات بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ماددىي ئاساس سېلىشنى تەلەپ قىلدى.