ۋاڭ ياڭ تەمىنات سودا كوپىراتىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا تەمىنات سودا كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 11:45

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا تەمىنات سودا كوپىراتىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنات سودا كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن ۋە ئۇنىۋېرسال سۇپا، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تەمىنات سودا كوپىراتىپى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدىكى مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىنى ئۇنۇتماي، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا تېزدىن يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ۋاڭ ياڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەمىنات سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنات سودا كوپىراتىپى تەشكىل سىستېمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇش، تىجارەت تورى بىر قەدەر تولۇق بولۇش ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە قىلىدىغان، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەل، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش تەشكىلىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، زامانىۋى ئوبوروت ئۇسۇلى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋىي تىجارەت تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى كېرەك.