ئۆتكەن يىلى ئېلىمىزدە ئېغىر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 11:47

جۇڭگو يېمەكلىك پەن-تېخنىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتى تۈنۈگۈن دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىغىن ئېچىپ، كەسىپ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئاساسلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىك خەۋپىنى باھالاش مەركىزىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى چېن جۈنشى: 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلانغانلىقى، ئېغىر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەنلىكى، يېمەكلىك ھەققىدىكى پىتنە-پاساتلارنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

يىغىندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دوكتور پېتىر. بېن.ئېمبارك ۋىدىيو ئارقىلىق سۆز قىلىپ: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەزەلدىن 10 چوڭ ئەخلەت يېمەكلىكنى ئېلان قىلىپ باقمىدى دەپ، 10 چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك ھەققىدىكى ئىغۋانى يوققا چىقاردى.

دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس نازارەتچىسى لى خەيفېڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، تور ئۇچۇرى تارماقلىرىنىڭ 2017-يىلى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئىغۋا تارقاتقۇچىلارغا 50 قېتىم جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە قاماش قاتارلىق جازالار بەرگەنلىكىنى تونۇشتۇردى.