بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى %14.2 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 11:53

تاموژنا باش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر ئېلىمىز مال سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 27 تىرىليون 790 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2016-يىلىدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، بۇندىن بۇرۇنقى ئۇدا ئىككى يىل تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەن.

تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ سۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاساسلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى، تاشقى ئېھتىياجنىڭ سەل ئېشىشى، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشى-ئىمپورتنىڭ ئېشىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى %17.8، ئوخشاش مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى %22، ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى %17.3 ئېشىپ، گۈللىنىۋاتقان بازارلارنى ئېچىشتا مول ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

خۇاڭ سۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق جانلىنىشىدىن ئۈمىد بار، ئېلىمىز ئىقتىسادى داۋاملىق مۇقىم ياخشىلىنىدۇ، بۇلار ئېلىمىز تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىغا بىر قەدەر پايدىلىق. لېكىن، ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد-سودا ساھەسىدە يەنىلا بىر قىسىم مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى يەنىلا بىر قىسىم خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ، بىر قىسىم گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ئەمگەكچى، يەر قاتارلىق تۆۋەن تەننەرخ ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىغا رىقابەت پەيدا قىلىدۇ. ياسىمىچىلىق يەر شارى دائىرىسىدىكى رىقابەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. يەر شارى سودا قورۇقچىلىقى يەنىلا ئەۋج ئالماقتا. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى سودا قۇتقۇزۇشنى تەكشۈرۈش دېلوسىغا ئۇچرىماقتا ھەم سوممىسى يەنىلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا.

بۇندىن باشقا، خۇاڭ سۇڭپىڭ بۇلتۇرقى ئاساسىي ساننىڭ بىر قەدەر چوڭلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل تاشقى سودىنى داۋاملىق ئىككى خانىلىق سان بىلەن بىر قەدەر تېز ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ. بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى داۋاملىق ئاشىدۇ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمى ئۆسىدۇ.