بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ كەڭ مەنىدىكى پۇلى %8.2 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 11:53

جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ كەڭ مەنىدىكى پۇلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئېشىپ، يەنە يېڭى تۆۋەن رېكورت يارىتىلغان. مەركىزىي بانكا تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رۈەن جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇنقى تۆۋەنرەك بولغان كەڭ مەنىدىكى پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشكە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىش ۋە ئىزاھات بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەركىزىي بانكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى 19 تىرىليون 440 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر تىرىليون 630 مىليارد يۈەن كۆپەيگەن. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ كەڭ مەنىدىكى پۇلىنىڭ قالدۇق سوممىسى 167 تىرىليون 680 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 0.9 پوئېنت، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.1 پوئېنت تۆۋەن بولغان. مەركىزىي بانكا تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رۈەن جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئاساسلىقى پىشاڭسىزلاشتۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدرىجىي كۈچەيگەن ئەھۋالدا، بانكا مەبلىغىنى ئىشلىتىشنىڭ تېخىمۇ قېلىپلىشىپ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەبلەغنىڭ ئايلىنىشى ھەم قاپلىنىشىنىڭ تۆۋەنلەپ، مۇشۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئامانەت پۇلنىڭ ئازايغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇلار پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق پۇختا، مۇقىم تىجارەت قىلىپ، سىستېمىلىق خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ زەنجىرىنى قىسقارتىشقا پايدىلىق، ئەمەلىي ئىقتىسادقا زور تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. پىشاڭسىزلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ھەم پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا يەنىمۇ مۇلازىمەت قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقى تۆۋەنرەك بولغان كەڭ مەنىدىكى پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.