رەئىس شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا قىلغان تەربىيە سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 12:04

رەئىس شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا بايراق بەردى ھەمدە تەربىيە سۆزى قىلدى، بۇ بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، قوراللىق ساقچى قىسىم تەربىيە سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئۇرۇش شەكلىدىكى مەشىق قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم خېبېي باش ئەترىتى ساڭجۇ تارماق ئەترىتى تەلىم-تەربىيە ئەترىتى قەھرىتان سوغۇققا قارىماي دالادا ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. تەقلىدىي مەشىقتە «تېررورچىلارنىڭ ئاتامانى» قورشاۋدا قالغاندا تۇيۇقسىز سەكرەپ چىقىپ، پىچاق بىلەن ئىككى جەڭچىنى يارىلاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن تۇتۇپ يوقىتىش ۋەزىپىسى مەغلۇپ بولدى. ساڭجۇ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ بىن مانېۋىرغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: تېررورچىلار ھەرگىز ئادەتتىكى تەپەككۇر بويىچە ئىش قىلمايدۇ، بىز مۇشۇنداق تاسادىپىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، جەڭچىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئېڭىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرەلەيمىز. مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلايلى ياكى قىلالمايلى، بۇنىڭدىن تەجرىبە ساۋاققا ئىگە بولالايمىز، مۇشۇنداق بولغاندا جەڭگە قىلغان تەييارلىقىمىز تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ.

قوراللىق ساقچى قىسىم چۇڭچىڭ باش ئەترىتى پاراخوت تارماق ئەترىتى پاقا ئادەم سۇغۇ چۆكۈش مەشىقى قىلدى. باش ئەترەت «10 كۈچلۈك ئەسكەر» دەپ تەقدىرلىگەن ئۈچىنچى چوڭ ئەترەتنىڭ قورال-يەلكەن ئەسكىرى لى خۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە سۆزى يادرولۇق ھەربىي ئىقتىدارغا قارىتىلغان بولۇپ، مەشىق قىلىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىمىزغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى، ئىقتىدارىمىزنى داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئاشۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول چاڭجياڭ دەرياسى ساھىلىنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىمىز.

بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىكى مەلۇم بىر مەشىق مەيدانىدا، دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىلغارلىرى بولغان قوراللىق ساقچى قىسىم بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى 16-نۆۋەتلىك ۋېنگىرىيە خەلقئارا مەرگەنلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى. ئالاھىدە ئۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گو زىرۇي مۇنداق دېدى: بىز رادىيو ۋە تېلېۋىزىيەدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە سۆزىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندۇق ۋە پەخىرلەندۇق، بىز تەربىيە سۆزىنى ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىگە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قورالنى چىڭ تۇتۇپ پارتىيەگە بويسۇنۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەشىق، سىناق ۋە ئەمەلىي ئۇرۇشتا قوراللىق ساقچى قىسىمغا تېخىمۇ زور غەلىبە ۋە شەرەپ كەلتۈرىمىز.