«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 10 مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 12:06

2017-يىلى 7-نويابىر چەتئەل تىلى نەشرىياتى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىنى خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە نەشر قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقاتتى. 12-يانۋارغىچە، بۇ كىتاب پۈتۈن دۇنيادا 10 مىليون پارچە سېتىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى نوپۇزلۇق ماتېرىيال، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى جۇڭگو ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنى چۈشىنىشىدە ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق بولدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 18-ئاۋغۇستتىن 2017-يىلى 29-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قىلغان سۆزى، نۇتۇقى، تەستىقى، تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىقلاردىن 99 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن، 17 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنغان خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىن باشقا ھەر قايسى ئەللەردىكى ئوقۇرمەنلەرگە باشقا تىللاردىكى نۇسىخىلىرىمۇ نەشر قىلىنىدۇ.