ئىچكى موڭغۇل چەت ئەلدىن ئىككىنچى تۈركۈمدە 115 تىرىك شىمال بۇغىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 10:41

گوللاندىيەنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 115 تىرىك شىمال بۇغىسى ھاۋا تىرانسىپورتى ئارقىلىق 10-فېۋرال سەھەر بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كېلىنىپ، تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ئۇلارغا كارانتىن قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن بولۇپ، بۇ بۇغىلار ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى گېنخې ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى «يېڭى ئۆيى»گە بارىدۇ. ئىچكى موڭغۇل گېنخې ئورمانچىلىق ئىدارىسى يەرلىكنىڭ ئاۋلۇگۇيا شىمال بۇغىسى مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، شىمال بۇغىسىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تاشقى سودا شىركىتىگە ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق گوللاندىيىدىن تىرىك شىمال بۇغىلىرىنى تۈركۈملەر بويىچە ئىمپورت قىلدى.