شى جىنپىڭ شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ئېغىر قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 17:59

10-فېۋرال سائەت 18 لەرە شياڭگاڭنىڭ شىنجيېدىكى داپۇ تاشيولىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 19 ئادەم قازا قىلدى، 60 نەچچە ئادەم يارىلاندى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆلۈم-يېتىم ۋە قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ئەڭ بۇرۇن ئىگىلەپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىنى باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېغا ئۆزىنىڭ قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشقا بۇيرىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سوراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىشلىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭمۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.