ئامېرىكا جاڭ يىڭيىڭ دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارىنى سوتلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:04

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودىيەسى كوللىن بىرۇس 12-فېۋرال جۇڭگولۇق زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچى جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەت گۇماندارى كىرىستېنسىننى سوتلاش ۋاقتىنىڭ 2019-يىلى 4-ئايغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، كىرىستېنسىننى سوتلاش ۋاقتى 27-فېۋرال ئىدى. 19-يانۋار ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى سېسسىئونس كىرىستېنسىنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش شىكايىتىنى تەستىقلىغان، ئارقىدىن ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپلەر سوت مەھكىمىسىگە سوتلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. كوللىن بىرۇس مۇنداق دېدى: يېقىندا سوت مەھكىمىسىگە بەرگەن تەكلىپتە، تەپتىش تەرەپ سوتلاش ۋاقتىنى 2019-يىلى 6-ئايغا كېچىكتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى، ئاقلىغۇچى تەرەپ 2019-يىلى 10-ئايغا كېچىكتۈرۈش تەكلىپى بەردى.