خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنى يوقلاپ ھال سورىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:05

چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ قىسىملارنى داۋاملىق يوقلاپ ھال سورىدى. 12-فېۋرال خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن، مۇئاۋىن مىنىستىر گاۋ شياۋبىڭ ئۆمەك باشلاپ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنى يوقلاپ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاساسىي قاتلام قىسىملىرى، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، نەپىقە ئوبيېكتلىرى ھەمدە قەھرىمانلار تاۋابىئاتلىرى ساناتورىيەسى قاتارلىق خەلق ئىشلىرى ئارمىيەگە مۇلازىمەت قىلىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئورگىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىغا ۋاكالىتەن قىسىمدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر قاتارلىقلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەمدە بايراملىق ھال سورىدى.

شۇ ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەر خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئارمىيەگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئارمىيەنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھەربىيلەرنى سۆيىدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈركۈم سىياسىتى ئارمىيە ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى، دەپ ماختىدى.