ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:06

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن داۋالىنىش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خېشېڭ 12-فېۋرال مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ بىرقانچە ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى، ئالايلۇق، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 2010-يىلىدىكى 74.83 ياشتىن 2016-يىلى 76.5 ياشقا يەتتى، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 2010-يىلىدىكى يۈز مىڭدىن 30دىن 2017-يىلى 100 مىڭدىن 19.6گە، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 2010-يىلىدىكى ‰13.1تىن 2017-يىلى ‰6.8كە چۈشتى.

ۋاڭ خېشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز بىر قەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئومۇمخەلق ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى بەرپا قىلدى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشى بىر مىليارد 350 مىليوندىن، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى مۇقىم %95تىن ئاشتى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئوتتۇرىچە مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى 2008-يىلىدىكى 80 يۈەندىن 2017-يىلىدىكى 450 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. 2017-يىللىق نۇسخىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا تىزىملىكىدە 375 خىل دورا كۆپەيتىلىپ، كۆپەيتىلىش نىسبىتى %17كە يەتتى.

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى باشقا جايدا داۋالىنىپ بىۋاسىتە ھېسابلىشىش مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىپ، ئامما كېسەل كۆرسەتكەندە ئازراق يول ماڭىدىغان، ئازراق پۇل چىقىرىدىغان بولدى. ھازىر دۆلەتلىك باشقا جايدا داۋالىنىپ ھېسابلىشىش ئۇچۇرى سىستېمىسى ۋە باشقا جايدا داۋالىنىش مەبلىغى ھېساباتىنى بوغۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ بولدى. 31 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مەملىكەتلىك باشقا جايدا داۋالىنىپ بىۋاسىتە ھېسابلىشىش سىستېمىسى بىلەن تولۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.