داۋالاش ئىسلاھاتى ئاممىغا تېخىمۇ نەپ يەتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:16

ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلدى. دورا ھەققى، تەكشۈرۈش ھەققى تۆۋەنلىتىلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلدى، بۇ دورا ئارقىلىق داۋالاشنى تولۇقلاشنى ھەل قىلىشتىكى ھالقىلىق تەدبىر بولدى.

بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن جاڭ چىنجاڭ ئۇزۇندىن بېرى قان نۆكچىسى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دورىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن، ھەر ئايدا دېگۈدەك شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانىغا بېرىپ نومۇر ئېلىپ دورا سېتىۋالاتتى. ئۇ دورا ھەققى ھېسابات تالونىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر قېپى 137 يۈەنلىك دورىنىڭ شېرىنكانىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن 119 يۈەنگە چۈشتى، قېپىغا 18 يۈەن تېجىگىلى بولىدۇ، بىر يىلدا 900 يۈەنگە يېقىن پۇل تېجىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى رادىيو ئاكتىپلىق سۈرەتكە ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ لىنچۈەن يادرو ماگنىت رېزونانسى بىلەن تەكشۈرۈش تۈرىنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ھەققى ئىلگىرى 550 يۈەن ئىدى، ئىسلاھاتتىن كېيىن 468 يۈەنگە تۆۋەنلىدى، پەقەت مۇشۇ بىر تۈردىلا 80 نەچچە يۈەن تېجىگىلى بولىدۇ.

2017-يىلى، شىنجاڭ «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورا» بىرلەشمە ئىسلاھاتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، ئىلمىي دەرىجىگە ئايرىپ كېسەل كۆرۈش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، نۇرغۇن شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشى سىناق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، ئائىلە دوختۇرى بىلەن توختاملىشىش مۇلازىمىتى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردى، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى دورا ھەققىگە شېرىنكانە قوشۇشنى بىكار قىلدى، ھەمدە داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەپ، داۋالىنىدىغان بىمارلارغا 150 مىليون يۈەندىن كۆپرەك بىۋاسىتە نەپ بەردى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.