خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-13 17:06

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 12-مارت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەستايىدىل قاراپ چىقتى ۋە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەمدە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجە ھاسىل قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلىدى، دەپ قارىدى.

قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىيۈ مۇنداق دېدى: چىقىرىلغان قانۇن سانى كۆپ، سالمىقى ئېغىر، رېتىمى تېز، سۈپىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ.

ئۈچ قېتىم قاراپ چىقىش، تەكرار مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» 2017-يىلى 15-مارت دۇنياغا كەلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ گوپىڭ: ھەق-تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىدە جۇڭگو ئالاھىدىلىكى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئىرادىسى نامايەن قىلىندى، بۇنىڭغا دەۋر مۆھۈرى بېسىلغان، دېدى.

مۇھىت ئاسراش قانۇنى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن تارتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغىچە كەينى-كەينىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جىن جېنجى: خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا قانۇن كەم بولسا بولمايدۇ، دېدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جاۋئەن مۇنداق دېدى: مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى سىنىقىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يولغا قويۇش قارارىنىڭ چىقىرىلىشى ئىسلاھاتنىڭ تەرتىپلىك يولغا قويۇلىشىغا قانۇنىي مەدەت بولدى؛ ئەركىن سودا سىناق رايونى، يېزا كوللېكتىپ يېرى تۈزۈمى قاتارلىق بىر تۈركۈم زور ئىسلاھاتلار ئارىسىدىكى 21 تۈرلۈك ئىسلاھاتقا ھوقۇق بېرىش قارارىدا ئىسلاھات ھەل قىلغۇچ تەدبىرى بىلەن قانۇن چىقىرىش ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، مەركەزنىڭ زور ئىسلاھاتلىرىنىڭ قانۇنى ئاساسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

باياننۇر شەھىرىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل جاڭ شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: تەكلىپ لايىھەلىرى ۋە تەكلىپلەر رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا چىقىرىلمىغان، بەلكى ھەر بىرىنىڭ جاۋابى بار، ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتتى. ئۆتكەن يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى «شورلۇقلارنى ياخشىلاپ، ئوت-چۆپنى كۆپەيتىپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى» ھەققىدە بىر تەكلىپ سۇنغان، ھازىر ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش باشلاندى.