يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-13 17:07

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 13-مارت «يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىسراتېگىيەلىك يېتەكلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى، ۋەزىپە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش-بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارمىيە بىلەن خەلق زور يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى جەھەتتە قول تۇتۇشۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەربىي جابدۇقلار ۋە ھەربىيلەرنى خەلق ئىشلىرى ساھەسىگە يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئاممىۋى ساھەدىكى نەتىجىلەرنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت قىزغىن دولقۇننى قوزغاپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرىدىغان، تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىنى باشلىدى، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەك ھازىرلاش لازىم.