2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-13 17:22

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەشنى باشلامچى قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمەن مۇقىم بولۇشىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جايلار قەتئىي ئېغىشماي سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى بىلەن ئىقتىساد سىياسىتى، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان ئش ئورۇنلىرىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىشى؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى قوللاش» پىلانى قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلاملار، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلار، جاپالىق چېگرا رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.